پەرياد
مۇزىكىسى:ئېرفان ئابدۇخەمىت نەجمانوف
Thornسۆزى
سىرغىيدۇ ياش كۆزۈمدىن،
سۆزلىسەم گەپ-سۆزۈمدىن.
ئويلىسام ئۆكسۈپ يىغلار يۈرۈكۈم ئەلەمدىن.
بىلمىدىم قايانغا كەتتى،
كېرىكى ئىز-دېرىكى،
تاۋارمۇ ھايات قالمىدى قەدرى.
ھاياتلىقتا- ئىنسانلىقتا ئىنساپ جاننى قەسلىمەس،
قان قېلىپتىن چىققانلارنى ئۆلسە ئىنسان ئەسلىمەس.
ئەسلى-ۋەسلى ئۇپرىغاننىڭ قەلبىگە ئىنساب دەسسىمەس،
نام قەلبنى كەپلىمەس ھەم پۇل نەپسىڭنى چەكلىمەس.
بولۇشى كىرەكتى ئۆسمۈرنىڭكى ئەسلىدە قولىدا كىتابى،
بۈيۈك-گۈزەل ئارمانى ھەم ئەركىن پاكىز ئېتىقادى.
سەبىيلەردە نېمە گۇناھ ؟ چوڭلارنىڭ بولمىسا ئىنسابى،
تاپقىنىڭدىن تارتقىنىڭ كۆپ ئۇ دۇنيادا ھېسابى.
نارىسىدىنىڭ قىساسى ھەم ھارام پۇلنىڭ ھېسابى،
ئاتىسىنى- ئانىسىنى كۈلكىدىن ئايرىدىڭ كېسەل بولدى مىھمانى،
گەپ-سۆزلىرىدىن ئاداشتى،ئانا رۇخسارىدىن ياتلاشتى،
يۈتكەن بالىنىڭ ئانىسىلا ئەمەس مىللەت يۈرىكىدە ئىز قالدى.
بەتقىلىقلار نەدىن كەلدى ھايۋان پۇشتىدىن چىققاندەك،
لاتارىيەدىن بەخت ئەمەس قانلىق دەۋزەخ چىققاندەك،
شىردەك ئاتىنىڭ كۆزلىرىدە لىق ياش يۈرىكىگە نەيزىنى تىققاندەك،
شۇنداق قىممەت ھاياتى يۈتتى دېڭىزدا يىڭنىسى يۈتكەندەك.
ئەسلى يېنىدا بولۇشى كىرەكتى ئۇ بالا بېقىپ ئەجر ئالغۇچە،
يۈرەك پارىسىغا بېرىشى كىرەكتى مېھرىنى بېلى تالغۇچە.
ئەمما بۇ ھاياتنىڭ تاتلىق دەملىرىدە كۈلەلمىدى،
مايسا پېتى يۇلىۋېلىندى ئۇ پەرۋىش قىلىپ مېۋە ئالغۇچە.
سىرغىيدۇ ياش كۆزۈمدىن،
سۆزلىسەم گەپ-سۆزۈمدىن.
ئويلىسام ئۆكسۈپ يىغلار يۈرىكىم ئەلەمدىن.
بىلمىدىم قايانغا كەتتى،
كېرىكى ئىز -دېرىكى،
تاۋارمۇ ھايات ؟ قالمىدى قەدرى.
ئەسلىدە ئادەمگە خەير بېرىش يولۇڭ بار ئىدى،
سەبىيلەرنى مېھىرلەردىن سەن ئايرىشنى تاللىدىڭ.
سەن چىقماستا شۇ ئۆسمۈرنىڭ ھاياتى شۇنچە قارىمىدى ؟
ھايۋان ئەمەس ئەي مەلئۇن سەن ئىنسان بالىسىنى خارلىدىڭ.
قامچىلىدىڭ تەندە قالدى ساقايماسقا يارىسى،
كىم تۆلەيدۇ مېھىر سۆيگۈنى ؟ يۈرەكلەردە چالىسى،
ئاخىرەتتە تاپالمايسەن پۇشايماننىڭ دورىسى،
ياتقان يىرىڭ دوزاخ ئىپلاس نىجىس ئادەم ئوغرىسى.
ناخشا-غەزەل،شىئىر-قوشاق ساڭا كۆپلەپ توقۇلدى،
ئىشەنچىسىز كوچىلاردىن بالىلار كۆپلەپ يوقۇلدى،
تەربىيە بولسىمۇ تىلىم بارماس سېنى ئادەم دىيىشقا،
ھوقوقۇڭ يوق ھاياتلىقنى دات-پەريادقا سېلىشقا.
مەھەللىلەردە قىزغىنلىق يوق بالىلار ئۆيدە خىيالدا،
ئادەم ئىزدەش ئېلانى تولدى دىلىگىرامغا-تاملارغا.
كۈندىن كۈنگە كۆپەيگەن ئۇچۇرلار كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدۇ،
شۇ مەلئۇنلار ئادەملىكنىڭ پەرزىنى قاچان سېزىدۇ…
مەن ئىزدىدىم قايتا،
تاپالمىدىم يۈرىكىم قايتا.
كېمەيمەكتە مۇھەببەت بۇ كىشىلەر ئارا،
ھەم يىغلىغۇم كەلدى،
ھەم ئۇخلىغۇم كەلدى.
ئىز-دېرەكسىز يۈتكەن بالىنىڭ پەريادى كەلدى:
ئاتام سېنى سېغىندىم…
ئانام،سېنى سېغىندىم…